Uyghur主要词典
كەيپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچىملىك ياكى چېكىملىك تۈپەيلىدىن نۇرمال تۇيغۇنى يوقاتقان ھالەت ياكى شۇنداق كىشى.
مەسىت ئادەمگە بۇيرۇق كۈنمۇ زۇلمەت. كەيپ بولساڭ، مەينىڭدىكىلەرنى كۆرمەيسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
روھىي ھالەت، كەيپىيات، مىجەز.
- كەلسىلە تەقسىر، بۈگۈن كەيپىياتلىرى نېمانچە سۇس؟ - دېدى ئۇ قۇربان ئاقساقالنى يېنىغا تەكلىپ قىلىپ.
- مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟ - سورىدى تەيجى ياسىن قازىغا سەپسېلىپ قاراپ، - كەيپىياتىڭىز باشقىچە كۆرۈنىدۇ - غۇ؟
كىشىنىڭ بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىدىن زوقلانغان، ھوزۇرلانغان، راھەتلەنگەن روھىي ھالىتى؛ زوق.
بۇ يەرنىڭ ساپ ھاۋاسى كىشىگە ئۆزگىچە بىر خىل كەيپ ئاتا قىلاتتى.
مەست قىلغۇچى ئىچىملىك، چېكىملىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھالەت؛ مەستلىك.
ۋاڭ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئەپيۇن چېكەتتى، كەيپ ئانچە ئۇزۇنغا سوزۇلمايتتى.