Chinese→Uyghur主要词典
科尔得利俱乐部
دۇنيا تارىخى
كوردېلېر كۇلۇبى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى رادىكال سىياسىي تەشكىلات. 1790 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلۇپ، دەسلەپتە <كىشىلىك ھوقۇقى ۋە گراژدانلىق ھوقۇقى دوستلار ئۇيۇشمىسى> دەپ ئاتالغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئورنى پارىژدىكى كوردېلېر مۇناستىرىدا بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن مارات، دانتون، دېسمولىن، چاۋمېتتې، ھايبېرت قاتارلىقلار بار ئىدى. پارىژدا ئىنتايىن زور تەسىرگە ۋە جامائەت پىكرىگە ئىگە ئىدى. <ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق> شوئارىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىپ، گراژدانلارنى پاسسىپ ۋە ئاكتىپ گراژدان دەپ ئايرىشقا قارشى چىققان. پادىشاھ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇراجىئاتنامە يېزىپ، پادىشاھنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، مارس مەيدانىدا مۇراجىئەت ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. كېيىن بۇ كۇلۇب بىر مەزگىل تاقالغان. 1792 - يىل 10 - ئاۋغۇستتىكى ئىنقىلابتا، يېڭىۋاشتىن مۇھىم رول ئوينىغان، چاۋمېتتې، ھايبېرت قاتارلىق كىشىلەر پارىژ كوممۇنىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، كۇلۇبنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى مىللىي ئۇيۇشمىغا قاتناشقان. ياكۇبىن دىكتاتۇرىلىقى مەزگىلىدە ئىچكى قىسمىدا دانتونچىلار بىلەن ھايبېرتچىلار ئوتتۇرىسىدا كۈرەش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككى تەرەپ كېيىن روبېسپېر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتقان.