Chinese→Uyghur主要词典
柯丁
دۇنيا تارىخى
كۇرتىن
(1885 - 1945) ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى (1941 - 1945). ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ كرېۋىسنىك دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاۋسترالىيە لىبورىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1911 - 1915 - يىللىرى ۋىكتورىيە ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ۋىليام خۇگىس ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان. 1928 - يىلى ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1935 - 1945 - يىللىرى لىبورىستلارې پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئىتتپاق ھۆكۈمتىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش، ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 1943 - يىلى ماكارتۇرنى ئاۋسترالىيىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى كۈچىنىڭ بارىچە پاراۋانلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.