Uyghur主要词典
كەچمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇغا ئوخشاش سۇيۇق ياكى قار، قۇمغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەرنى يېرىپ ماڭماق، شۇنداق نەرسىلەر ئۈستىدىن دەسسەپ ئۆتمەك.
قاتمۇقات ئېدىرلار ئارىسىدا ئىككى يولۇچى قار كېچىپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى.
كۆچمە. پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق؛ ئۆتمەك (خىيال، كۆڭۈل، مېڭە، پىكىر قاتارلىقلاردىن).
ئابدۇرېھىمنىڭ كۆڭلىدىن <ئەمدى مۇسا تاغامغا نېمە دەيمەن؟> دېگەن ئاچچىق پۇشايمان كەچتى.
كۆچمە (پىكىر، نىيەت، مېھىر، جان، مەنپەئەت قاتارلىقلاردىن) ئۈمىدىنى، ئالاقىسىنى، مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەك، تەرك ئەتمەك، ئايرىلماق.
بېخىل جېنىدىن كېچەر، مېلىدىن كەچمەس (ماقال).
جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەس (ماقال).
ئۆتمەك، ئەپۇ قىلماق، سالاۋات قىلماق (خاتالىق، گۇناھ قاتارلىقلار ھەققىدە).
- گۇناھىمىزدىن كەچسىلە ئىكەن، - دەپتۇ كېنىزەكلەر يەرنى سۆيۈپ ، - كەچتىم ، - دەپتۇ پادىشاھ بېشىنى لىڭشىتىپ.
كۆچمە. بولماق، يولۇقماق، ئۇچرىماق.
بارغانلاردىن، يانغانلاردىن سېنى سورايمۇ؟ سېنىڭ ھالىڭ نە كەچتى دەپ ئۆزۈم بارايمۇ؟