Uyghur主要词典
كەچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاراڭغۇ چۈشكەن، كۆز قارايغان چاغ.
كەچ كىردى. * ئەتىدىن كەچكىچە. * كەچ بازار. * كەچ يات، سەھەر تۇر (ماقال) . * خۇدا كەچ قويسا قويار، ئاچ قويماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كەچمەك، كېچىش. سۇ ياكى سۇلۇق يەردىن ئۆتمەك.
دەريادىن كېچىپ ئۆتتۇق. * تاغ ئېشىپ، قار كېچىپ، جىق جاچا تارتتۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كەچمەك، كېچىش. باشتىن، خىيالدىن ئۆتمەك.
بۇ باشتىن نېمىلەر كەچكەنلىكى سىزگە مەلۇم. * كۆڭۈمگە ئاللېنېمىلەر كەچتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
كەچمەك، كېچىش، گۇناھىدىن ئۆتۈش، ئەپۇ قىلىش، كەچۈرۈش، تەرك ئېتىش.
بىر قوشۇق قېنىدىن كەچمەك. * گۇناھىدىن كەچمەك. * جاندىن كەچمىگۈچە ، جانانغا يەتكىلى بولماس (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن.
سەن بۈگۈن ئىشقا كەچ كەلدىڭ. * كەچ قالغان بازارچىدەك. * ئالدىرغان كەچ قالار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىلبەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
ۋاز كەچمەك.
«كەچ»تىن بىر تۇيۇق:
ئەل ۋەتەن ئىشقىدا سەن جېنىڭدىن كەچ، بالام،
بۇ ئىشىق ئويۇڭغا ھەمراھ بولسۇن ئەتە كەچ، بالام.
ئەل - ۋەتەن بەختى ئۈچۈن تۆك ھالال تەرىڭنى سەن،
بۇيرۇسا ئەل تېڭىرقىپ تۇرماق دېڭىزنى كەچ، بالام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوتكىنىڭ كۈندۈزى تۈگەپ، قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقتى، شۇ ۋاقىتتىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىت.
كەچ يات، سەھەر تۇر. كەچقۇرۇن كەلگەن مېھماننى ياخشى كۈت. كېچىنى كېچە دېمەي ئىشلىمەك. سۈت كېچىدىمۇ ئاق. ئاخشام بولدى يات، سەھەر بولدى كەت. كۈننى تۈنگە ئۇلاپ. تۈننىڭ راھىتى - تىنچ ئۇيقۇ. نىسپىي شەپتە ئويغاندىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن، تاڭ، سەھەر، سۈبھى، بامدات
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەلۇم ۋاقىت، چەكنىڭ ئاخىرىدا.
بالدۇر، بۇرۇن
مەلۇم ۋاقىتتىن، چەكتىن ئىلگىرى.
بالدۇر تېرىغان ئاش ئالار، كەچ تېرىغان شاخ. تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار. ئالدىرىغان كەچ قالار. خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ (قاپتۇ). بالدۇرمۇ كەلمە، كېيىنمۇ قالما. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ. سۇدىن ئۆتسەڭ بۇرۇن ئۆت، ئۆتكەننى كۆرىسەن، مۇزدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت، ئاققاننى كۆرىسەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كەچ.
« كەچ كەلدى _ كەچ كەلدى» دېيىش مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 167
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ ئالمىشىش ئارىلىقىدىكى ۋاقىت، يەنى نامازدىگەردىن ناماز خۇپتەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت.
ئى. قاراڭغۇ چۈشۈپ تۈن خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ۋاقىت.
مەن ئاخشام بەك كەچ ياتقانىدىم.
رەۋ. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ياكى مۇۋاپىق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن.
خۇدا كەچ قويار، ئاچ قويماس (ماقال).