Uyghur主要词典
كىدو كوئىچى
دۇنيا تارىخى
(1889 - 1977) ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كىدوتاكا يوشىنىڭ نەۋرىسى. 1915 - يىلى كىيوتو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. يېزا ئىگىلىك سودا ئىشلىرى ۋازارىتى ۋە سودا - سانائەت ۋازارىتىدە ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1917 - يىلى ماركىز نامى بېرىلگەن ھەمدە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1930 - يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1936 - يىلى پاترىئارخاللىق تەرتىپ زوراغاسىنىڭ لىدىرى بولغان، <7 - ئىيۇل> ۋەقەسىدىن كېيىن، 1937 - يىلى ئۆكتەبردىن 1939 - يىلى ئاۋغۇستقىچە، كونوئې، ھىدانۇما قاتارلىق ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتتا مەدەنىيەت، قۇتقۇزۇش، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1940 - 1945 - يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، پادىشاھنىڭ يېنىدىكى يېقىن كىشىلەردىن بولوش سۈپىتى بىلەن بەلگىلىك سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ، 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1955 - يىلى كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن. 1958 - يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان. كېيىن داجىدا خىلۋەت - تىنچلىقتا ياشىغان. <كىدو كوئىچى خاتىرىلىرى> ناملىق ئەسىرى بار.