Uyghur←Chinese主要词典
كىچىك روسك ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
小石城事件
xiǎo shí chéng shì jiàn
ئامېرىكا ئاركانزاس شتاتىنىڭ مەركىزى كىچىك روسك شەھىرىدە يۈز بەرگەن نېگىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. 1857 - يىلى 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا كىچىك روسك شەھىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتەپ 1954 - يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىزامىغا ئاساسەن توققۇز نەپەر نىگېر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان. 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى توققۇز نەپەر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كىرگەندە ئاركانزاس شتاتىنىڭ باشلىقى فوبۇس ئەۋەتكەن مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان. 9 - ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئىرقچىلار مەكتەپنى قورشىۋېلىپ، شۇ ئورۇندىكى تۆت نېگىر مۇخبىرنى ئۇرغان ھەمدە نېگىر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبور قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبتىكى بىرنەچچە شتاتلاردا ئارقا - ئارقىدىن نېگىرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. كەڭ نېگىرلا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان. بۇ ۋەقە بىرقانچە يىل داۋام قىلغان. قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى بىلەن قوشما شتات سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىشقا مەجبور بولغان. ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەكتەپتە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قانۇن - نىزام پەيدىنپەي ئىزچىللاشتۇرۇلغان.