Uyghur主要词典
كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
ئاجىز نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى ئىنتايىن ئاجىز نۇرنى نەچـچـە10 مىڭ ھەسسىدىن نەچچە100 مىڭ ھەسسىگىچە كۈچەيـتـىـپ بـېـرىـدۇ. كېچىدە كىچىككىنە يورۇقلۇق ئاجىز نۇرلۇق كېچىـدە كـۆرۈش ئەسـۋابـىـغـا چۈشسىلا، ئۇنىڭ ئېكرانىدا چوڭايتىلغان جىسىم سـۈرىـتـى ئايـان بـولـىـدۇ. شۇڭا، قولنى سۇنسا كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇ كېچىدىمۇ، تـۈن پەردىسىدىكى تۈرلۈك نىشانلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئاجىز نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىدىن پايدىلـىـنـىـپ، كـېـچـىـدە دۈشمەننىڭ يەر شەكلى، ئوت كۈچى سىستېمىسىنى رازۋېدكا قىلغىلى ۋە دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. ئۇنى تۈرلۈك ئاپتومـوبـىـللارغـا ئورنىتىپ، كېچىدە مـەشـغـۇلات قـىـلـغـىـلـى ۋە يـوشـۇرۇن ھەرىكەت قىلغىلى بولىدۇ. مىلتـىـق، زەمـبـىـرەكـلـەرگـە ئورنىتىپ، دۈشمەن پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كـۆزەتـكـىـلـى ۋە ئۇنـىـڭـغـا ھۇجـۇم قىلغىلى بولىدۇ؛ چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە قاراۋۇلخانـىلارغـا سەپلەپ، چېگرا لىنىيىسىدىكى دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، تۇيۇقـسـىـز ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولـىـدۇ. ئاجـىـز نـۇرلـۇق كـېـچـىـدە كـۆرۈش ئەسۋابىنى يەنە قۇرۇلۇشلاردا خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جـەڭ مـەيـدانـىـدا قۇتقۇزۇش ۋە كېچىدە خەرىـتـە كـۆرۈش، خـەرىـتـىـدىـن پـايـدىـلـىـنـىـش قاتارلىقلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئاجىز نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابـى1955 - يىـلـى سىتىبىي - كالىي - ناترىي - سېزىيلىق بىر خىل مـېـتـال ماتېرىيال بايقالغاندىن كېيىن تەتقىق قىلىنىپ لايىھىلىنىشكە باشلانغان، بۇ خىل ماتېرىيالدىن ياسالغان فوتوكاتود كېچىـدىـكـى ئاجـىـز نـۇر يـورۇتسىمۇ فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى پەيدا قىلىپ، ئېلېكترون قويۇپ بېـرىـدۇ. ئاجىز نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى ئۈچ ئەۋلاد تەرەققىـي قـىـلـدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئەۋلاد ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئەمەلىيەتتە قوللىنىـلـدى. بىراق، يامغۇرلۇق، تۇمانلىق كۈنلەردە نورمال خىزمەت قىلالـمـايـدۇ، تۇم قاراڭغۇ كېچىدە رولىدىن قالىدۇ، كۈچلۈك نۇردىمۇ نورمال خىـزمـەت قىلالمايدۇ.