Uyghur主要词典
كىبىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكەببۇرلۇققا دائىر.
خورىكى چوڭ. خورىكى ئېگىز. خورىكى ئۆسمەك. خورىكىنى ئېلىپ قويماق. خورىكى چوڭنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك. دىمىغى ئۆسۈپ قاپتۇ. دىمىغى ئېگىز تاشقا پۇتلىشار. دىمىغى ئۈستۈن ئازگالدا ئۆلەر. كىبرىسى بار. كىبىر قىلغان كېيىن قالار. جازىسى بار. جازىسى ئۈستۈن. ئۇ جازىسى ئۈستۈن نېمە ئىكەن. سەندە بار جازا، ئۇنىڭدىمۇ بار. ئاۋۇ خوتۇننىڭ ھالىنى ئۆتۈكۈمنىڭ نالىنى. ھالى چوڭ ھەممىدىن ئايرىلار. ھالى بارنىڭ نازى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
فىزىكا
ئۆزىنى چڭ تۇتۇش، مەغرۇرلۇق.
قانائەت ۋە كبىر - بىزنىڭ ئالغا بېسىش يولىمىزدىكى پۇتلىكاشاڭ.
مەغرۇر تاشقى قىياپەت، سالاپەت.
قارا ئۇنىڭ شۇجىلىق كىبرىنى! ئۇ كىم، مەن كىم!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
« كەپەⅡ» گە قاراڭ.