Chinese→Uyghur主要词典
卡扎尔王朝
دىن
kǎ zā ěr wáng cháo
伊
ئىسلام دىنى
قەجەر سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
قاجار خاندانلىقى
1796 - 1925 - يىللىرى ئىرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. قاجار قەبىلىسىدىن بولغان ئاغا مۇھەممەد زەند خاندانلىقىنى ئاغدۇرۋېتىپ قۇرغان. پايتەختى تېھران. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىچكى جەھەتتە ئىككى قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرنى قۇل قىلغان ۋە ئەزگەن. باب مۇرىتلىرى قوزغىلىڭى (1848 - 1852)نى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. سىرتقى جەھەتتە، روسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى (1804 - 1813، 1826 - 1828) ۋە ئەنگلىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى (1856 - 1857)دىن كېيىن، روسىيە - ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا تىز پۈكۈپ، ئىراننى يېرىم مۇستەملىكە ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. خاندانلىقتا جەمئىي يەتتە خان ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئورنىنى 1925 - يىلى پەھلىۋىلەر خاندانلىقى ئىگىلىگەن.