Uyghur←Chinese主要词典
كائۇتىسكىزم
دۇنيا تارىخى
考茨基主义
kǎo cí jī zhǔ yì
ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدا <بىتەرەپ گورۇھ> شەكلى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان رىۋېزىئونىزملىق پىكىر ئېكىمى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى كائۇتىسكىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇ سىنىپتىن خالى دۆلەت قارىشىنى تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىياتنىڭ زورلۇق ئىنقىلابىي ئارقىلىق بۇرژۇئا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلالپ تاشلىشىغا قارشى تۇرغان. كاپىتالىستىك دېموكراتىيە تۈزۈمى شارائىتىدا، <سىنىپىي توقۇنۇشنى ھەل قىلىدىغان قوراللىق كۈرەشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىمكانىيىتى يوق> دەپ ھېسابلاپ، پرولتارىيات پارلامنتتا كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، سوتسىيالىزمغا <تىنچلىق بىلەن> ئۆتۈشنى تەرغىپ قىلغان. <جاھانگىرلىكتىن خالى بولۇش نەزەرىيىسى>نى ئوتتۇرغا قويۇپ، كاپىتالىزم <جاھانگىرلىكتىن خالىي بولۇش باسقۇچى>نى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ باسقۇچقا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پۇل مۇئامىلە كاپىتالى بىرلىشپ، دۇنيانى بىللە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىكار قىلىنىدۇ - دە، ئۇزاققا سوزۇلغان تىنىچلىقنىڭ <يېڭى ئەسىرى> باشلىنىدۇ، دەپ قارىغان. <ساپ دېموكراتىيە> ۋە بۇرژۇئازىيەنىڭ <ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق> دېگىنىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا ھۇجۇم قىلغان. كائۇتىسكىچىلار <بىتەرەپ گۇرۇھ> دېگەن ئىككى يۈزلىمە ۋاستىنى ئىشقا سېلىپ، ئېغىزدا ماركسىزمغا سادىق بوولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاغىمچىلىقنى قوغدىغانلىقتىن، تېخىمۇ زور ئالدامچىلىققا ئىگە بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدە ئىنقىلابقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەڭ خەۋپلىك پىكىر ئېقىمى بولۇپ قالغان. لېنىن <جاھانگىرلىك كاپىتالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى>، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە خائىن كائۇتىسكى< دېگەن ئەسەرلىرىدە كائۇتىسكىچىلىقنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان