Uyghur←Chinese主要词典
كاۋۇر
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卡武尔
kǎ wǔ ěr
دۇنيا تارىخى
加福尔
jiā fú ěr
(1810 - 1861) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1852 - 1859، 1860 - 1861) ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1861). ئىتالىيە لىبېرال ئاقسۆڭەكلىرى ۋە بۇرژۇئا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلىرىنىڭ دھىيىسى. گراف ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1829 - يىلى تۇرىن ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. شاھزادە - كالىنىيىنو (تەختكە چىققاندىن كېيىن پادىشاھ ئالبېرت دەپ ئاتالغان) نىڭ خاس نۆكىرى بولغان. سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمىغانلىقتىن، شاھزادە تەختكە ئولتۇرغاندا، ئىستىپا بېرىپ چەت ئەلگە تەكشۈرۈشكە چىقىپ كەتكەن. 1847 - يىلى <ئويغىنىش گېزىتى> نى نەشىر قىلىپ، نونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنچىلىرىنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، ساردىنىيە پادىشاھلىقى ساۋويىيە خاندانلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەربىي دىپلوماتىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئىتالىيىنى يۇقىرىدىن - تۆۋەنگە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەرغىپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1850 ـ 1852 - يىللىرى ساردىنىيە پادىشاھلىقى دېھقانچىلىق سودا مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1852 - يىل 10 - ئايدىن باشلاپ ئۇزاققىچە باش ۋەزىر (1859 - يىل بىرمەزگىل ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن باشقا) بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە پېمونتېنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىغا قارىتا بۇرژۇئا ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىپ، چېگرا بېجىنى ئىسلاھ قىلغان. بانكا كەسپىنى رىغبەتلەندۈرگەن، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان، چېركاۋنى ئىسلاھ قىلغان، ۋەھاكازالار. بۇنىڭ بىلەن پېمونتې كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خەلق ئاممىسى ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەردىن ئەندىشە قىلى، خاندانلىقنىڭ دىپلوماتىك سۇيقەستلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، سىرتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا بولغان. 1855 - يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ قىرىم ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ غەلىبە قىلغان. 1858 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئاۋستىرىيگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن. 1859 ـ يىلى ساردىنىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشىنى قوزغاپ، لومباردىيىنى قايتۇرۋالغان. لېكىن ساۋويىيە بىلەن نىتسانى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىپ، ئىستىپا بېرىشكە مەجبور بولغان. 1860 - يىلى 1 - ئايدا باش ۋەزىرلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، پارما، مودېنا، توسكانا، رومىنىيە قاتارلىق جايلارنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان ھەمدە گارىبالدى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى ئازاد قىلغان سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن نېئاپولنىڭ ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1861 - يىلى 3 - ئايدا ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان، 6 - ئايدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن.