Uyghur主要词典
كاۋاك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ ئوچۇق قالغان يېرى.
يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس، پۇختا ئىشتىن كاۋاك. تولا يېگەن بۆرىنىڭ كۆتى يېرىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىچى بوش.
پۈتەي، پۈتۈك
ئىچى تولۇق.
قومۇشنىڭ ئىچى پۈتەي بولماس، يالغانچىدا ئىناۋەت. قۇۋنىڭ قۇلىقى پۈتۈك. تۆشۈك مونچاق يەردە قالماس. ساۋابنىڭ كۆتى تۆشۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چىقىرىش، ئۇپراش تۈپەيلىدىن نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھاسىل بولغان بوشلۇق، تۆشۈك.
سىيىت ھاجى كۆرسىتىپ بەرگەن كاۋاكقا ئۆمىلەپ كىرىۋالغان ئابلىز قارىي گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتى.
كاۋاك ھالەت.
<تېب> ئۆپكە كېسىلى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە قىسمىدا پەيدا بولغان تۆشۈك.
<ئانات> ئادەمنىڭ بەزى ئەزا ياكى توقۇلمىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئويمانلاشقان تۇيۇق كامار جاي. مەسىلەن، بۇرۇن كاۋىكى، بۇرۇن يان كاۋىكى ۋە باشقىلار.