Chinese→Uyghur主要词典
卡托.堪布累齐和约
دۇنيا تارىخى
كاتو - كامبرېژ سۈلھ شەرتنامىسى
ئىتالىيە ئۇرۇشى (1494 - 1559) نى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. 1559 - يىلى 4 - ئايدا كاتۇ - كامبرېژ (بۈگۈنكى فرانسىيەنىڭ نور ئۆلكىسىدە) شەھىرىدە تۈزۈلگەن. فرانسىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە بىلەن ئىمزالىغان ئىككى سۈلھ شەرتنامىدىن تەركىب تاپقان. شەرتنامىگە بىنائەن فرانسىيە ئۆزىنىڭ 1552 - يىلدىن بېرى بېسىۋالغان ئىتالىيە زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت سالۇززۇ گېرتسوگ سۇيۇرغالى، تۇرىن، پىنېرولو، تۇرىننىڭ غەربىي جەنۇبىدا( ۋە ئاستىنىلا ساقلاپ قالغان. يەنە ئىسپانىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيە ۋە لوررىنلاردىكى كەڭ زېمىنىدىن ۋاز كېچىپ پەقەت لوررىندىكى تۇل، ۋېردۇن ۋە مېتېستىن ئىبارەت ئۈچ ئېپىسكوپلۇق رايوننىلا ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، فرانسىيە ئەنگلىيىدىن كالاي پورتىنى پۇل تۆلەپ قايتۇرۋالغان. ئىسپانىيە مىلان كىنەزلىكى، ناپلېس پادىشاھلىقى، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ساردىنىيە ئارىلى قاتارلىق ئىتالىيەنىڭ كەڭ بىر پارچە زېمىنىنى ئىگىلىگەن. فلورېنسىيە ۋە گېنۇيەلەرمۇ زېمىنىنى كېڭەيتكەن. فرانسىيە 1536 - يىلى بېسىۋالغان ساۋوي كىنەزلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ سۈلھ شەرتنامە فرانسىيەنىڭ ئىتالىيىدىكى تەسىر كۈچى ئورنىنى ئىسپانىيەنىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.