Uyghur←Chinese主要词典
كاتېرىنا مېدىچ
دۇنيا تارىخى
喀德林.美第奇
kā dé lín .měi dì qí
(1519 - 1589). فرانسىيە خانىكىسى. ئۇربىنو كىنەزى لورېنزو مېدىچنىڭ قىزى. 1533 - يىلى ئورلىئان كىنەزى ھېنرى بىلەن توي قىلغان. 1547 - يىلى ھېنرى فرانسىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغان. ھېنرى Ⅱ 1559 - يىلى ئۆلگەندىن كېىيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى فرانسىسوئىس Ⅱ، چارلېس Ⅸ (1550 - 1574) ۋە ھېنرى Ⅲ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەختكە چىققان. كاتېرىنا بۇ ئۈچىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەت ئشلىرىغا ئارىلاشقان ھەمدە 1560 - 1564 - يىللاردا چارلېس Ⅸ نىڭ نائىبى بولغان. 1562 - يىلى خۇگۇينوت ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، كاتولىك دىنىي گۇرۇھى بىلەن خۇگۇينوتچىلار ئارىسىدا ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرگەن. كېيىن خۇگۇينوچىلار ۋە ئۇنىڭ سەردارى كوللېيىنىڭ چارلېس Ⅸ غا بولغان تەسىرىدىن قورقۇپ، 1572 - يىلى 8 - ئايدا كاتولىك دىنىي گورۇھىنىڭ سەردارى ھېنرى گۇئىسې بىلەن بىرلىكتە سان باتولولياۋ پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان.