Uyghur←Chinese主要词典
كاتازاۋا ئەدەبىيات خەزىنىسى
领域: دۇنيا تارىخى金泽文库
jīn zé wén kù
ياپونىيەنىڭ كاماكۇرا شوگونلۇقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى كىتاب ساقلاش ئورنى. خوجيوكامى زامانىسىدا (1224 - 1276) روكۇئۇرا قۇرۇقى كانازاۋا يېزىسىدىكى داچىنىڭ ئىچىگە قۇرۇلغان (ھازىرقى يوكوخاما شەھىرى كاماكۇرا رايونى). 1275 - يىلى خوجيۇكامى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مۇشۇ جايدا ساقلانغان كىتابلارنى كۆچۈرۈپ ھەم كوررىكتورلۇق قىلغان. بۇ كىتابلار ئاتاقلىق ئىبادەتخانا راھىبلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. شۇڭا بۇ كىتابلار <كانازاۋا ئەدەبىيات خەزىنىسى> دېگەن خەت ئۇيۇلغان تامغا بېسىلىپ، ئاشكارا ھالدا ئارىيەت بېرىلگەن. كاماكۇرا شوگونلۇقى يوقالغاندىن كېيىن ساقلانغان كىتابلار بارا ـ بارا ئازىيىپ كەتكەن. ھازىر يەر تەۋرەش ۋە ئوت كېتىشكە چىداملىق بولغان قۇرۇلۇشلار سېلىنىپ، قېپقالغان كىتابلار نارا ناھىيىسىدىكى كۇتۇپخانىنىڭ باشقۇرۇشىدا ساقلانماقتا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。