Uyghur←Chinese主要词典
كاتاماسېن
دۇنيا تارىخى
片山潜
piàn shān qián
(1859 - 1933) ياپونىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 1884 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىگەن، 1895 - يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1896 - يىلى، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1897 - يىلى، ياپونىيە بويىچە ئەڭ دەسلەپكى ئىشچىلار ژورنىلى <ئەمگەكچىلەر دۇنياسى>نى چىقارغان. 1898 - يىلى كوتوكۇشۇسوي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ سوتسيالىزم تەتقىقات جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1901 - يىلى، سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئامىستىردام يىغىنىغا قاتنىشىپ، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1906 - يىلى 12 - ئايدا، توكيودىكى تراللىبوس ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1914 - يىلى ئامېرىكىغا كەتكەن. 1919 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا، مېكسىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كومپارتىيىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. 1921 - يىلى لېنىننىڭ تەكلىپى بىلەن موسكۋاغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1922 - يىلى كوممۇنىستىك ئىنتىرناتسىئونالنىڭ دائىمىي ئىجرائىيە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ياپونىيە كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان. 1927 - يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. شۇنداقلا خەلقئارا قىزىل كرېست ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. جۇڭگو ۋە ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى پائال قوللىغان. 1931 - يىلى <18 - سنتەبر> ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى كۈرەش قىلغان. 1933 - يىل 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى موسكۋادا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <ياپونىيە ئەمگەكچىلەر ھەرىكىتى>، <كاتاماسېن تەرجىمىھالى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن ئۈچ توملۇق <كاتاماسېن ئەسەرلىرى توپلىمى> نەشىر قىلىنغان.