—参考资料
كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى
بىلىم خەزىنىسى
كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنىڭ مەزمۇنى نۇرغۇن تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق كىتابلارنى قانداق تېپىش كېرەك؟ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ چەكسىز كىتاب دېڭىزىدىن بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزى ئېھتىياجلىق كىتابلارنى تېز سۈرئەتتە تېپىپ چىقىشقا يېتەكلەيدۇ.
كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى ئالدىن تۈزۈلگەن تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بولۇپ، كىتابلارنى مەزمۇنى ۋە ژانىرىغا ئاساسەن ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇددى تاللا بازىرىدىكى ماللارنىڭ تۈرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانغا ئوخشاش ئىش.
ھازىر، ئېلىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۇتۇپخانىلاردا «جۇڭگو كۇتۇپخانىلىرىدا كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى» قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا بارلىق كىتابلار بەش چوڭ بۆلەك،22 چوڭ تۈرگە ئايرىلغان.
كىتابلار چوڭ تۈر ئاستىدا يەنە تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىلىپ، تەپسىلىي تۈرگە ئايرىش جەدۋىلىنى ھاسىل قىلغان. تۈرگە ئايرىش جەدۋىلىدىكى تۈرلەر تەخمىنەن20 مىڭدىن ئاشىدۇ. كۇتۇپخانىدىكى خىزمەتچىلەر دەل مۇشۇ تۈرگە ئايرىش جەدۋىلى بويىچە ھەر خىل كىتابلارنى تەرتىپلىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىدۇ. شۇڭا، كۆڭۈلدىكىدەك كىتابنى تېپىپ ئوقۇماقچى بولسىڭىز، كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلىۋېلىشىڭىز شەرت.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。