Uyghur←Chinese主要词典
كاسسىئودورۇس
دۇنيا تارىخى
卡西奥多罗斯
kǎ xī ào duō luó sī
(تەخمىنەن 480 - 575) شەرقىي گوت پادىشاھلىقى سىياسىئونى، تارىخشۇناس. رىمدىكى داڭلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تېئودورىك ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشىغا نەچچە ئون يىل قاتناشقان. مىلادى 538 - يىلى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي تۇمشۇقىدىكى بىر موناستىرغا بېرىپ مۇناخ بولغان. ئۇ 12 توملۇق <گوتلار تارىخى> دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئەسەر يوقالغان بولۇپ، پەقەت ئىئوردان ئىشلىگەن قىسقارتما نۇسخىدىنلا ئۇ ئەسەرنىڭ مەزمونىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يەنە <خەت - ئالاقىلەر توپلىمى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سىياسىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان دەۋرلەردە يازغان مەكتۇپلىرى ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ توپلىمىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىلاھىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە ساھەلىرىدىمۇ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار.