Chinese→Uyghur主要词典
卡斯提尔王国
دۇنيا تارىخى
كاستىللا پادىشاھلىقى
ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىك كاستىللا (كاستىلىيە) رايونىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. Ⅹ ئەسىردە لېئون پادىشاھلىقىدىكى بىر گرافنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى. 1026 - 1035 - يىللىرى ناۋاررا پادىشاھلىقىغا بېقىنغان. 1230 - يىلى لېئون پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان. كاستىللا ئىسپانىيەنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى بولۇپ، ئەرەبلەردىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تولېدو (1085)، كوردوبا (1236)، سېۋىللا (1248)، كادىس (1262)لارنى ياندۇرۋېلىپ، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىنى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە كېڭەيتكەن. 1469 - يىلى، كاستىللا پادىشاھلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى ئىسابېللا بىلەن ئاراگون شاھزادىسى فېرناندو توي قىلغان. 1497 - يىلى ئىككى پادىشاھلىق رەسمىي بىرلىشىپ، ئىسپانىيەنىڭ بىرلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.