Uyghur主要词典
كاشتان دەرىخى
بىئولوگىيە
قاسىراقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يۇمران شېخىنى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك تىۋىت تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، چوققا بىخى بولمايدۇ. يوپۇرمىقى ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ. ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىكتىن ئۇزۇن ئېللپىسسىمان تۆمۈنە شەكىللىككىچە بولىدۇ، گىرۋىكىدە ھەرىسىمان چىشى بولىدۇ، چىشىنىڭ ئۇچى قىلتىرىقسىمان بولىدۇ، تۆۋەنكى يۈزىدە ئاقۇچ كۈل رەڭ تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ، يان تومۇرى 10 - 18 جۈپ بولىدۇ. ئاتىلىق گۈل رېتى باشاقسىمان بولۇپ، تىك ئۆسىدۇ؛ ئانىلىق گۈلى شاخنىڭ ئۇچى قىسمىدىكى ئاتىلىق گۈل رېتىنىڭ تۈۋىدە ئۆسىدۇ. 2 - 3 تال گۈل بىر ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقىنىڭ ئىچىدە ئۆسىدۇ. شاكىلى شارسىمان بولىدۇ. مۇستەھكەم مېۋىسى شۇ يىلى پىشىدۇ، 2 - 3 تال بولىدۇ، ياندا ئۆسكەن ئىككى يېرىم شار شەكلىدىن تۈزۈلىدۇ، قوڭۇررەك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ؛ بۇ تۈر خىلۋەت جايلاردىكى ئورمانلىقنى تۈزگۈچى ئاساسلىق دەرەخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كۈنگەي، قۇرغاق، قۇمساڭ تۇپراقتا ئۆسىدۇ. ئۇرۇقىدىكى كراخمالنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ھەمدە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ياغىچى قۇرۇلۇش، كېمىسازلىق، شىپال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ قاسىراق ۋە قوۋزىقى تەركىبىدە تاننىن بولىدۇ. گۈل، مېۋە شاكىلى، قاسىرىقى، قوۋزىقى ۋە يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. ئىششىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرىدۇ. بۇ تۈرنى سۇنئىي ئۆستۈرۈپ كاشتان مېۋىسى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.