Uyghur主要词典
كاشىم
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، كاشىمغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، رەڭگى سېرىق ئەنجۇدانغا ئوخشايدۇ. تېنى ئىنچىكە، سېرىقچېچەكنىڭ تېنىگە ئوخشايدۇ، بۇغۇملۇق، يوپۇرمىقى ئىككىمىلىكنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن يۇمشاقراق، خۇشبۇي، تېنىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى يوپۇرماقلىرى ئىنچىكىرەك ۋە يورۇقلىرى كۆپرەك بولىدۇ. ئۈستى تەرەپنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆۋەن تەرەپنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن چوڭ بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۇچى كۈنلۈككە ئوخشاش بولۇپ، مېۋىسى قارا، بىر ئاز ئۇزۇن، تەمى ئارپىبەدىياندىن ئۆتكۈر، بىر ئاز خۇشبۇي.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا تېنى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، خام خىلىتنى پىشۇرۇش، كۆكرەكنى بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىستىسقا كېسەللىكى ئۈچۈن ئالتە گرام، باشقا كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئۈچ گرام دورىنى قايناق سۇ بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
كاشىمدىن مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان ھۆل يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كاشىمنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىستىسقا ۋە ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كاشىمنى تىلە قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پالەچ، بەل ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى ۋە باشقا ھۆل سوغۇق كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئىككى - ئۈچ قېتىم قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. گۈلى ئاق، مېۋىسى سوقىچاق. يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ھەيزنى تەڭشەش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار.