Uyghur←Chinese主要词典
كاسابلانكا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
卡萨布兰卡会议
kǎ sà bù lán kǎ huì yì
(1) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، 1943 - يىل 1 - ئاينىڭ 14 - 23 - كۈنلىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىللىنىڭ ماراكەشتىكى كاسابلانكا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن يىغىنى، يىغىنغا فرانسىيە گېنراللىرى دې گولل ۋە ژىرولارمو قاتناشقان. يىغىندا ئاساسلىقى فرانسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي تۈزمى مەسىلىسى، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشتىىكى مەيدانى مەسىلىسى؛ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۇرۇش پىلانى ھەمدە ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنى <شەرتسىز تەسلىم بولۇش> قا دەۋەت قىلىش پىلانى (ئېلان قىلىنمىغان) مۇزاكىرە قىلىنغان. شۇنىڭدەك ژىرو ۋە دې گولل باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ۋاقتىلىق مەمۇرىي ئورگىنى قۇرۇش قارار قىلىنغان، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ئاسىيادىكى ئەمەلىي كۈچ دائىرىسى ئايرىلغان. يىغىندا يەنە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 1943 - يىللىق ئۇرۇش فاڭجېنى بەلگىلەنگەن. (2) ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، ئالجىرىيە، گۋىنىيە، گانا، مالى، ماراكەشلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە بېلگىيە ۋەكىلىنىڭ 1961 - يىل 1 - ئاينىڭ 4 - 7 - كۈنلىرى كاسابلانكادا ئۆتكۈزگەن يىغىنى. يىغىندا ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ھەرخىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنى يوقىتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتپاقى تەكىتلەنگەن، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەشلىرىنى قوللانغان ھەمدە <كاسابلانكا ئافرىقا نىزامنامىسى> ماقۇللانغان.