Uyghur←Chinese主要词典
كارولىن تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
加罗林群岛
jiā luó lín qún dǎo
تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان. شىمالىي كەڭلىك تەخمىنەن 5°-11°، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 131°-163° ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاراللار يابو ئارىلى، پېلېۋ تاقىم ئاراللىرى، ترۇك تاقىم ئاراللىرى، پوناپې ئارىلى قاتارلىق 963 يانا تاغ ئارىلى ھەم مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇرۇقلۇق مەيدانى 1165 كۋادرات كىلومېتىر. ئاھالىسى 77 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنڭى ئاساسىي قىسمىنى مىكرونېزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 3000-5000 غا يېتىدۇ. بۇ ئاراللار بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىنى كېيىن ئا ق ش نىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. كارولىن تاقىم ئاراللىرىدا قۇرۇق پالما، شېكەر قومۇشى، كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ، فوسفورلۇق تاش قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ، قۇرۇق پالمىنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
加罗林群岛
jiā luó lín qún dǎo