Uyghur←Chinese主要词典
كارنوت
خىمىيە
卡尔诺特
kǎ ěr nuò tèDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卡诺〈阿尔及〉
kǎ nuò 〈ā ěr jí 〉Dتارىخ
卡尔诺
kǎ ěr nuò
دۇنيا تارىخى
卡尔诺
kǎ ěr nuò
(1) لازارنىكولا مارگېرىت كارنوت (1753 - 1823) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى سىياسىي ئەرباب، ھەربىي ئالىم. ساپيور قىسىملىرى كاپىتانى بولۇپ، ئىستىھكام - مۇداپىئە قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى، كېيىن 1789 - يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1791 - يىلى تۆۋەن كالې ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتىغا كىرگەن. 1792 - يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ رېين يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 9 - ئايدا، مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. ئۇ مۆتىدىللەر گۇرۇھىغا مەنسۇپ بولۇپ، لۇئى ⅥⅩنى ئۆلتۈرۈشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. 1793 - يىلى 8 - ئايدا ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بولغان. روپېسپېرنىڭ تېرورلۇق سىياسىتىگە نارازى بولغانلىقتىن، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىغان. 1795 - يىلى 11 - ئايدا نازارەتچى ئەمەلدار بولۇپ سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن بالاس بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن، مېۋە پىششىقى ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن گېرمانىيىگە چىقىپ كەتكەن. 1800 - يىلى ناپولېئون Ⅰ چاقىرتىپ كېلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە تەينلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي سىياسىي كۆز قاراشنىڭ بىردەك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ، ماتېماتىكا ۋە ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1418 - يىلى ئانتۋىرپېننى ساقلاشقا ئەۋەتىلگەن. يۈز كۈنلۈك خاندانلىق مەزگىلدە، ئچىكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1816 - يىلى كورۇلنى ئۆلتۈرگۈچى دەپ قارىلىپ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلدە ئۇزۇن مۇددەت مۇساپىر بولۇپ تۇرغان. <ئورۇنلار گېئومېتىرىيىسى>، <قورۇل مۇداپىئەسى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) مارى فرانكىبۇس سادى كارنوت (1837 - 1894). فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1887 - 1894). پارىژلىق ئۇنىۋېرسال تېخنىكىلىق مەكتىپى ۋە كۆۋرۈك - تاشيول مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىنژىنېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1770 - 1871 - يىللىرىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، نورماندىيە رايونىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى بولغان. تۆۋەنكى سېنا ئۆلكىسىدە قىسقا مۇددەت ئۆلكە باشلىقى بولغاندىن كېيىن، پارلامېنتقا سايلىنىپ، پۈتۈن زېھنىنى جامائەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. كېيىن جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1885 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، سودا ۋە مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1887 - يىلى گرېۋىدىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1889 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ بۇلانزېنى قولغا ئېلىش توغرىسىدىكى قارارىنى قوللىغان. پاناما سەتچىلىكى يۈز بەرگەندە ھۆكۈمەتنى جېنىنىڭ بارىچە ئاقلىغان 1894 - يىل 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ليون كۆرگەزمىسىدە سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.