Uyghur←Chinese主要词典
كارل لىننېي
دۇنيا تارىخى
林耐
lín nài
(1770 - 1778) لاتىنچە ئىسمى كارولۇس لىننائۇس. شۋېتسىيىلىك ناتۇرالىست. ئىككى ئىسىم بېرىش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسچىسى. فرانسىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيىگە چىقىپ ئوقۇغان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. <تەبىئەت سىستېمىسى> دېگەن ئەسىرى ئەڭ مۇھىم. 1758 - يىلدىكى ئونىنچى نەشىردە ۋە 1753 - يىلى نەشىر قىلىنغان <ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى> دا <ئىككى ئىسىم بېرىش ئۇسۇلى> يەنى قوش ئىسىم بېرىش ئۇسۇلىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سېلىپ، بۇرۇنقى قالايمىقان ئۆسۈملۈك ئىسىملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بوتانىكا تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە سۈنئى سىستېماتىكا ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. بۇ <لىننېي لىگنوتسېرىن سىنىپى> دەپ ئاتىلىپ، كەڭ قوللىنىلغان. ⅨⅩ ئەسىرگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئورنىنى تەبىئىي تۈرلەرگە بۆلۈش ئۇسۇلى ئالغان. يەنە ساياھەت خاتىرىسى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، كىتابخانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.