Uyghur←Chinese主要词典
كاردىنال ئېپىسكوپ
دۇنيا تارىخى
枢机主教
shū jī zhǔ jiào
قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <كاردىنال> دېگەن سۆز لاتىن يېزىقىدىكى تىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەڭ مۇھىم دېگەن مەنىدە. كاتولىك دىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئېپىسكوپى، ئورنى پاپادىنلا كېيىن تۇرىدۇ. پاپا تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ. بىر قىسىم كاردىنال ئېپىسكوپلار ۋاتىكاندا ۋەزىپە ئۆتەپ، ھەرقايسى ئورگانلارنى باشقۇرىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى بەزى دۆلەتلەردىكى مۇھىم دىنىي رايونلارغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىدۇ. كاردىنال ئېپىسكوپلاردىن تەركىپ تاپقان <كاردىنال ئېپىسكوپلار ئىتتىپاقى> پاپانىڭ ئالىي مەسلىھەت ئورگىنى بولۇپ، پاپانىڭ ئورنى بوش قالغاندا ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىن يېڭى پاپا سايلىنىدۇ. 1586 - يىلى پاپا سىكىست Ⅴ (1585 - 1590 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) كاردىنال ئېپىسكوپلار شتاتى 70 كىشى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1958 - يىلىدىن كېيىن تەدرىجىي كۆپەيتىلگەن. 1976 - يىلى 138 كىشىگە يەتكەن.
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
枢机主教
shū jī zhǔ jiào