Uyghur←Chinese主要词典
كارىب ئورتاق گەۋدىسى
دۇنيا تارىخى
加勒比共同体
jiā lēi bǐ gòng tóng tǐ
كارىب رايونىدىكى رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلات. 1973 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان. سابىق كارىب ئەركىن سودا رايونىدىكى گۋىئانا. يامايكا، باربادوس، ترىنىداد ۋە توباگودىن ئىبارەت تۆت دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان. 1983 - يىلى 7 - ئايغىچە ئەزالىرى 13 دۆلەت ۋە تەشكىلاتقا يەتكەن. باش ئورگىنى گۋىئانانىڭ پايتەختى - گېئورگېتاۋىندا. مەقسىتى رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەڭشەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئورتاق گەۋدە يېمەكلىكلەر شىركىتى، كارىب ئورتاق گەۋدىسى كوممۇقوناق ۋە پۇرچاق شىركىتى، غەربىي ھىندىستان دېڭىز نەقلىيات شىركىتى، كارىب ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلارنى قۇرغان ھەمدە كارىب بېلىقچىلىق مەكتىپى ئاچقان. 1875 - يىلى مەزكۇر ئورتاق گەۋدە ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان. 1979 - يىلى ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن سۆزلىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى <لومې كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 1983 - يىلى 7 - ئايدا ئورتاق گەۋدە تۆتىنچى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى چاقىرغان.