Uyghur主要词典
كارابوبو جېڭى
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. ۋېنسۇئېلانىڭ ۋالېنسىيە شەھىرى يېنىدىكى كارابوبو تۈزلەڭلىكىدە بولغان كەسكىن جەڭ بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1821 - يىلنىڭ باشلىرى بولىۋار قوشۇن تارتىپ يېڭى گرانادادىن چىقىپ ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ۋېنسۇئېلانىڭ شىمالىي قىسمىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كاربوبودا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيسى بىلەن ئۇچراشقان. 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، بولىۋار ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى بىلەن غەربتىن قورشاپ، پايىس يېتەكچىلىكىدىكى يەرلىك پارتىزانلار جەنۇبتىن قىسىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى يەڭگەن. بۇ قېتىمقى جەڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كاراكاسقا ئۆتىدىغان يولنى ئاچقان.