Chinese→Uyghur主要词典
卡普里维
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
kǎ pǔ lǐ wéi
كاپرىۋى
دۇنيا تارىخى
كاپرىۋى
(1831 - 1899) پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى ۋە گېرمانىيە ۋەزىرى (1890 - 1894)، گېنېرال. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1883 - 1888 - يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىكىنى باشقۇرغان. 1888 - يىلى 10 - ئايدا جۈنتۈەننىڭ قوماندانى بولغان. باش ۋەزىر ۋە ۋەزىر بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا <يېڭى لۇشيەن> نى يولغا قويۇپ، ئىچكى - تاشقى سىياسەتنى تەڭشەپ، ئىشچىلار سىنىپىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ۋە مۇستەملىكىچىلىك تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1890 - يىلى روسىيە بىلەن <ئىستراخونىيە شەرتنامىسى> نى داۋاملىق تۈزۈشنى رەت قىلغان؛ ئەنگلىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، ئىككى تەرەپ زانزىبار بىلەن ھېلگولاندنى تېگىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 1891 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى داۋاملىق تۈزگەن. بازار ۋە خام ئەشياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ روسىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيەلەر بىلەن سودا كېلىشىملىرى ئىمزالاپ، گېرمانىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت باج نىسبىتى ۋە چەت ئەلنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت باج نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن يۆنكىر پومېشچىكلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1892 - يىلى ۋە 1894 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پرۇسسىيە باش ۋەزىرلىكى بىلەن گېرمانىيە ۋەزىرلىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان.