领域: دۇنيا تارىخىكاپ
(1858 - 1922)گېرمانىيەدىكى 1920 - يىل بولغان ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كاتتىبېشى. ياش ۋاقتىدا قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، شەرقىي پرۇسسىيىدە يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىكىدە مەسلىھەتچى بولغان. 1906 - 1920 - يىللىرى شەرقىي پرۇسسىيە يېزا ئىگىلىك كرېدىت بانكىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1917 - ئوڭچىل كونسېرۋاتىپ گېرمانىيە مىللەت پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1920 - يىلى 3 - ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بىەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇنارخىيىلىك ئىستىبداتلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كاپ توپىلىڭىنى قوزغىغان. يېڭىلگەندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن.