Uyghur←Chinese主要词典
كاپېت خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
卡佩王朝
kǎ pèi wáng cháo
فرانسىيىدىكى فېئودال خاندانلىق. خاندانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى ھۇگو كاپېتنىڭ نامى بىەن ئاتالغان. خاندانلىق قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇنىڭ زېمىنى پارىژنى مەركەز قىلغان كىچىككىنە بىر پارچە يەر (فرانسىيە ئارىلى) بىلەنلا چەكلەنگەن. پادىشاھلىق ھوقۇقىمۇ ئاجىز بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت فېئوداللىق بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغان. ⅡⅩ ئەسىردىن باشلاپ پادىشاھلىق شەھەرلىكلەر ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللارنىڭ قوللىشى ئارقىلىق چوڭ فېئوداللار ھەم ئەنگلىيەنىڭ پىلانتاگېن خاندانلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزىنىڭ زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. شۇنىڭدەك ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، پۇل قويۇش، ھەربىي جەھەتتىكى ھوقۇقلارنى مەركەزلەشتۈرگەن. 1302 - مىسسىئونېر، دىندىن سىرت ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر پۇقرالىرى قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق ئۈچ دەرىجىلىك يىغىن چاقىرغان. بۇ فرانسىيىدە فېئوداللىق دەرىجە پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1328 - يىلى خاندانلىقنىڭ ئورنىنى ۋالۇئا خاندانلىقى ئىگىلىگەن. كاپېت خاندانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى تەرتىپى: ھۇگو كاپېت (879 - 996)، روبېرت Ⅱ (996 - 1031)، ھېنرى Ⅰ (1031 - 1060)، فىلىپىپ Ⅰ (1060 - 1108)، لۇئى Ⅵ (1108 - 1337)، لۇئى Ⅶ (1137 - 1180)، فىلىپىپ Ⅱ (1180 - 1223)، لۇئى Ⅷ (1223 - 1226)، لۇئى Ⅸ (1226 - 1270)، فىلىپىپ Ⅲ (1270 - 1285)، فىلىپىپ Ⅳ (1285 - 3141)، لۇئى Ⅹ (1314 - 1316)، فىلىپىپ Ⅴ (1316 - 1322)، چارلېس Ⅳ (1322 - 1328).