Uyghur主要词典
كاپسۇل
بىئولوگىيە
بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ يۈزىگە جايلاشقان بىر قەۋەت يېپىشقاق ماددا. ئۇنىڭ بويىلىش كۈچى يېتەرسىز بولغاچقا، ئادەتتە مەنپىي بوياش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كۆزىتىلىدۇ. ئۇ قېلىنلىقى ۋە ھۈجەيرە يۈزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) چوڭ كاپسۇل قېلىنلىقى 0.2 μm دىن يۇقىرى بولۇپ، ھۈجەيرە پوستىغا بىر ئاز يېپىشىدۇ، ئوپتىك مىكروسكوپ ئاستىدا كۆرۈنىدۇ؛ (2) مىكروكاپسۇل، قېلىنلىقى 0.2 μm دىن تۆۋەن بولۇپ، ھۈجەيرە پوستىغا ناھايىتى چىڭ يېپىشىدۇ، ئوپتىك مىكروسكوپ ئاستىدا كۆرۈنمەيدۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىممۇنولوگىيىلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ؛ (3) يېپىشقاق قەۋەتنىڭ ھۈجەيرە پوستىغا يېپىشىشى ئاجىز بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىتقا كېڭەيگەن بولىدۇ. كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىدىغان باكتېرىيىلەر توپنىڭ يۈزى سىلىق، پارقىراق بولىدۇ، سۇيۇق ئۆستۈرگۈچتە ئۆستۈرگەندە ئۆستۈرگۈچنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كاپسۇلنى ئۆستۈرگۈچنى چايقاش ۋە سېنترالفۇگلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يىغىۋالغىلى بولىدۇ. كاپسۇل ئاساسەن پولى پىپتىدنىڭ مۇرەككەپ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلىدۇ. بىراق تۈزۈلۈش تەركىبى باكتېرىيە تۈرى، ئۆستۈرگۈچنىڭ تەركىبى ۋە ئۆستۈرۈش شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەزى كاپسۇللاردا يەنە ئانتىگېنلىق خۇسۇسىيەتمۇ بولىدۇ. كاپسۇل ئادەتتە باكتېرىيە تېنىنى قوغداش ياكى جىنسىي ماددىنى ساقلاش، كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيىلەردە بولسا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بىئولوگىيە
بەزى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تېشىدىن يۆگەپ تۇرىدىغان، پولپېپتىد ياكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن تۈزۈلگەن يېپىشقاق تاشقى قېپى.