Uyghur←Chinese主要词典
كاپسا مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
卡普萨文化
kǎ pǔ sà wén huà
ئافرىقىدىكى ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتى. دەسلەپ 1909 - يىلى تۇنىسنىڭ گافسا شەھىرى يېنىدىكى مىكتا دېگەن يەردە ئېچىلغان. رىم دەۋرىدە گافسا شەھىرى يېنىدىكى مىكتا دېگەن يەردە ئېچىلغان. رىم دەۋرىدە گافسا شەھىرى كاپسا دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ خىل مەدەنىيەت شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىس، جەزائىرلاردا كەڭ تۈردە تارقالغان. لىۋىيىنىڭ سىرېنائىكا ئۆلكىسىدىمۇ مۇشۇ تىپتىكى مەدەنىيەت تېپىلغانلىقتىن لىبك - كاپسا مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنى تىپىك كاپسا مەدەنىيىتى ۋە كېيىنكى دەۋلەردىكى كاپسا مەدەنىيىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن تارتىپ بەزىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاقىت پەرقى يوق، پەقەت تاش قوراللارنىڭ گۇرۇپپىلىنىش پەرقىلا بار، دەپ قارىماقتا. بۇ مەدەنىيەتنىڭ قالدۇقلىرىدىن سىپتا تاش قوراللار ۋە چوڭ تىپتىكى تاش قوراللار بار بولۇپ، سىپتا تاش قوراللار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىگىلىكى ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت. بۇ مەدەنىيەت باشتا كونا تاش قوراللار مەدەنىيىتى دەپ قارالغان بولسىمۇ، كېيىن ئوتتۇرا تاش قوراللار مەدەنىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.