Uyghur←Chinese主要词典
كاپىرلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
卡菲尔战争
kǎ fēi ěr zhàn zhēng
كاپ چېگرا ئۇرۇشى، چېگرا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گوللاندىيە بىلەن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قەنۇبىي ئافرىقىدىكى كوسا خەلقىنى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يۈز يىللىق (1779 - 1879) ئۇرۇش. كاپىر (ئەرەپچە: كافر) ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بىدئەت دېگەنلىك. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا گوللاندىيە مۇستەملىكىچىىلىرى كوسالار رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۈچ قېتىم (1779، 1793 - ۋە 1799 - 1801) ئۇرۇش قوزغىغان. كوسالار كيې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن زۇرۋېلد رايونىغا قوغلىۋېتىلگەن. ئەنگلىيە كاپ مۇستەملىكە زېمىنىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىغان. كوسالار 1118 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئېزىشىگە چىدىماي، قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. كېيىنكى يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن يېڭىلىپ زۇرۋېلد رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1818 - يىلى ئاقساقال ئىندلامېي (1740 - 1828) 10 مىڭ كوسانى باشلاپ چوڭ فىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ كاپ مۇستەملىكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، گېرمىستوۋن بازىرىنى قورشىۋالغان. كېيىن باستۇرۇلغان. 1834 - يىلى ئاقساقال ماكوما (1798 - 1873) 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كاپ مۇستەملىكىسىگە ھۇجۇم قىلغان. كېيىنكى يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كيې دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەنگلىيىگە قارام كافىرىيە مۇستەملىكىسىنى قۇرغان. كېيىن ئۇ يەرنى ھامىيلىقىدىكى زېمىن دەپ ئېلان قىلغان. كوسا خەلقى 1846 - 1847، 1850 - 8531 ۋە 1877 - 1879 - يىللىرى كۆپ قېتىم قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا يېڭىلىۋەرگەن ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى پوندولاند رايونىغا قوغلىۋېتىلگەن.