Uyghur←Chinese主要词典
كاپودىترىياس
دۇنيا تارىخى
卡波第斯里亚
kǎ bō dì sī lǐ yà
(1776 - 1831) گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1827 - 1831). كورفۇ ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئىتالىيىدە مېدىتسىنا ئوقۇغان. 1799 - يىلى كورفۇ ئارىلىدىكى رۇس ئارمىيىسى دوختۇرخانىسىدا باش ۋراچ بولۇپ ئىشلىگەن. 1809 - 1827 - يىللىرى روسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. 1821 - يىلى گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندا قوزغىلاڭچىلار لاگېردىكى روسىيەپەرەسلەرنىڭ ھەربىي باشلىقى بوۇپ قالغان، قوزغىلاڭغا مالىيە جەھەتتە ياردەم قىلغان. ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترىيە روسىينىڭ تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلىقتىن، سەپتىن چېكىنىشكە مەجبور بولۇپ، شۋېتسارىيىگە كەتكەن. 1827 - يىلى قوزغىلاڭچىلار سېپىدىكى ھەرقايسى گورۇھلار تەرىپىدىن زۇڭتۇڭ قىلىپ كۆرسىتىلگەن. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغىنىدا روسىيە بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1831 - يىلى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.