Chinese→Uyghur主要词典
卡帕尼
دۇنيا تارىخى
كاپپونى
(1792 - 1876) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس، ئەدىپ ۋە پېداگوگ. ئىتالىيىنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى توسكانا لىبېرالىست ئاقسۆڭەكلەر ۋە بۇرژۇئازىيەنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ماكىز. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى <ئەدەبىي تاللانمىلار> ژورنىلىغا ھەمكارلاشقان لىبېرالىستلار بىلەن بىرلىكتە ئاقارتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە مەدەنىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى شارائىتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىتالىيە يېزىلىرىدىكى توسكاناچە يېرىم فېئوداللىق تەڭ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە توسكانا ھۆكۈمىتىگە بىر مەزگىل رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى كىنەزلەر بىلەن ئۆز ئارا كېڭىشىپ، ئىتالىيە فېدېراتىپى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچىنىڭ بارىچە توسقانلىقتىن، خەلق ئاممىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولغان. تارىخقا ئائىت ئەسەرلىرىدە ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىنى نۇقتىلىق ھالدا بايان قىلغان، ئىتالىيىلىكلەرنى يۇنان - لاتىن - خرىستىئان دىنى ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسلىرى دەپ قارىغان. <ئەدەبىي تاللانمىلار> ناملىق ئەسىرى بار.