Uyghur←Chinese主要词典
كانۇدوس دېھقانلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
卡努多斯农民战争
kǎ nǔ duō sī nóng mín zhàn zhēng
لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بولغان ئاتاقلىق دېھقانلار قوراللىق قوزغىلاڭلىرىنىڭ بىرى. برازىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار ئۇرۇشى. 1896 - يىلى 11 ـ ئايدا، برازىلىيىنىڭ شەرقىدىكى بائىيە شتاتىنىڭ كانۇدوس رايونىدا پارتلىغان. رەھبىرى ماسئېل (1828 - 1897). ئۇرۇش جەريانىدا دېھقانلار قوشۇنى ئۆزلىرى زاۋۇت قۇرۇپ، ئوق - دورا، قورال - ياراق ياساپ، پاتىزانلىق تاكتىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللانغان. بېسىۋالغان رايونلاردا يەر، چارۋا - مال قاتارلىق مۈلۈكلەرگە قارىتا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. دېھقانلار قوشۇنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلغان. 1817 - يىلى 6 ـ ئايدا ھۆكۈمت مۇنتىزىم ئارمىيىنى ئەۋەتىپ قورشاپ يوقىتىش ئېلىپ بارغاندا، دېھقانلار قوشۇنى باتۇرلارچە كۈرەش قىلغان. لېكىن كۈچ سېلىشتۇمىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بولغانلىقتىن، قوزغىلاڭ ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.