Uyghur←Chinese主要词典
كانتېمىر
دۇنيا تارىخى
康捷米尔
kāng jié mǐ ěr
(1708 - 1744)، روسىيىلىك ساتىرىك يازغۇچى، دىپلومات. مولداۋىيە كىنەزىنىڭ ئەۋلادى، پيوتر Ⅰ نىڭ ئىسلاھاتىنى ھىمايە قىلغان. 1732 - 1744 - يىللاردا ئەنگلىيەدە ۋە فرانسيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. توققۇز پارچە ھەجۋىي شېئىر ۋە بىرقانچە پارچە مەسەل يېزىپ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىننىڭ زالىملىقى، نادانلىقىنى مازاق قىلغان. فونتېنېللې (1657 - 1757) نىڭ <ئالەمنىڭ كۆپ مەنبەلىكى توغرىسىدا> دېگەن ئەسىرنى تەرجىمە قىلغان ھەمدە ئۇنى ئىزاھلىغان. يەنە <تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەت توغرىسدا> دېگەن ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ، پەلسەپە مەسىلىلىرىنى ماتېرىيالىزملىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ روسىيە كلاسسىتىزمنىڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرىدۇر.