Uyghur主要词典
كانېم بورنو پادىشاھلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئافرىقىنىڭ چاد كۆلى رايونىدىكى ئىسلام پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق Ⅷ - Ⅸ ئەسىرلەردە چاد كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كانېم رايونىدا قۇرلدى، نجىمى پايتەخت قىلىندى. پادىشاھ مائى دېيىلدى. 1075 - يىلىدىن 5108 - يىلىغىچە قۇرۇلغان سەيفاۋا سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ئەرەب مەنبەسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. 13 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چاد كۆلى رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى ھەمدە شەرققە كېڭەيدى. 14 - ئەسىردە ئىچكى جەھەتتە ئىختىلاپ بولغاندا شىمالدىكى چارۋىچى قەبىلىلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. سۇلالە چاد كۆلىنىڭ غەربىدىكى بورنو رايونىغا كۆچۈپ، گازارگامۇنى يېڭى پايتەخت قىلدى. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى سۇلالە گۈللەنگەندە كانېم رايونىنى تارتىۋالدى. ئىدرىس ئالوم (1570 - يىلىدىن 1602 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دىن ئەلى بىننى ئۆمەر (1637 - يىلىدىن 1676 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) گىچە ئىچكى جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى ۋە شەرىئەتنى يولغا قويدى. سىرتقا جىھاد قىلىپ، قوشنا رايونلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن خارابلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى فۇلانىلار جىھاد قوزغىغانغا قەدەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلدى.