Chinese→Uyghur主要词典
抗酸性染色法
بىئولوگىيە
كىسلاتاغا قارشى بوياش
بىرخىل مۇھىم بولغان باكتېرىيىنى پەرقلەندۈرۈپ بوياش ئۇسۇلى. ئاز ساندىكى باكتېرىيە ھۈجەيرىسىنىڭ تەركىبىدە (بولۇپمۇ ھۈجەيرە پوستىدا)زور مىقداردا مايسىمان ماددىلار بولغاچقا، بىئولوگىيىلىك بوياقلار بىلەن ئاسان بويىغىلى بولمايدۇ، بويالسا كىسلاتالىق ئىسپىرت بىلەن يۇسىمۇ چىقمايدۇ. ئۇنى بوياشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بار. ئادەتتە زىئېخل نېئېلسېن (Ziehl - Neelsen) ئۇسۇلىدا بوياش ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل بوياش ئۇسۇلىدا، ئالدى بىلەن قىزىتىپ بوياش، ئاندىن تۇز كىسلاتالىق ئىسپىرتتا رەڭگى قايتۇرۇلىدۇ، لوئېففلېر (Loessler) مېتىلېن بىلەن قايتا بوياپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇدا يۇيۇپ مىكروسكوپتا تەكشۈرۈلىدۇ. كىسلاتاغا قارشى تۇرغۇچى باكتېرىيىلەر كىسلاتالىق ئىسپىرتنىڭ رەڭ قايتۇرش رولىغا قارشى تۇرۇپ، دەسلەپكى بوياقنىڭ رەڭگى، قىزىل رەڭدە بويىلىدۇ. كىسلاتاغا قارشى تۇرالمايدىغان باكتېرىيلەرنى كىسلاتالىق ئىسپىرت بىلەن يۇغاندا دەسلەپكى بوياقنىڭ رەڭگى ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بويىغان بوياقنىڭ رەڭگى كۆپ بويىلىدۇ. كۆپ ساندىكى باكتېرىيىلەردە كىسلاتاغا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ، پەقەت مىكرو باكتېرىيە (مەسىلەن، تۇبېركۇليوز مىكرو باكتېرىىسى، ماخاۋ مىكرو باكتېرىيىسى) قاتارلىق ئاز ساندىكى باكتېرىيىلەردە كىسلاتاغا قارشى تۇرۇشچانلىق بولىدۇ. بۇ خىل بوياش ئۇسۇلى ئاساسەن مىكرو باكتېرىيىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ.