Chinese→Uyghur主要词典
康斯坦茨会议
دۇنيا تارىخى
كونىستانىس يىغىنى
كاتولىك چېركاۋىنىڭ 1414 - 1418 - يىللاردا كونىستانىس (ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ بادېن - ۋۇرتتېمبېرگ شتاتىدا) شەھىرىدە چاقىرىلغان دىنىي يىغىن. يىغىنغا مىسسىئونېرلاردىن باشقا يەنە غەربىي ياۋرۇپانىڭ دەھرىي فېئوداللىرى، جۈملىدىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگىنمۇندمۇ قاتناشقان. يىغىن ۋىكلىف ۋە خۇسنىڭ تەلىماتىنى بىدئەت دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خۇسنى يىغىنغا چاقىرتىپ سوراققا تارتقان، ئاندىن كېيىن ئۆلتۈرۋەتكەن. يىغىن ئۈچ تەرەپ بولۇپ تىركىشىپ تۇرغان ئۈچ پاپانى: يوھان ⅢⅩ، گرىگورې ⅡⅩ ۋە بېنېدىكتۇس ⅢⅩ لارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى پاپا مارتىنۇس Ⅴ (1417 - 1431 - يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان)نى سايلىغان. شۇنىڭ بىلەن كاتولىك چېركاۋىنىڭ 40 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان چوڭ بۆلۈنۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغان. يىغىن دىنىي يىغىننىڭ ھوقۇقى پاپادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە پاپادىن بۇ يىغىننى قەرەللىك ئېچىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشمىغان.