Chinese→Uyghur主要词典
康蒙斯
دۇنيا تارىخى
كوممۇنىس
(1862 - 1944)، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس، تۈزۈم ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى. ۋىسكونىسىن داشۆسى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ زامانىۋى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنى تۈزگۈچى مۇھىم ئامىل شەخىسلەرنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى گۇرۇھ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. شۇڭا، <گۇرۇھ دېموكراتىيىسى>نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، يەنى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى گورۇھلار كېڭىشىپ، مۇۋاپىق باھا بېكىتىپ، <مۇۋاپىق> كاپىتالىزمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <كاپىتالىزمنىڭ قانۇن ئاساسى>، <تۈزۈم ئىقتىسادشۇناسلىقى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ يەنە ئون توملۇق <ئامېرىكا سانائەت جەمئىيىتىنىڭ ھۆججەتلىك تارىخى> ۋە تۆت توملۇق <ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ تارىخى> نى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى.