Uyghur←Chinese主要词典
كاندى پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
康提王国
kāng tí wáng guó
سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)نىڭ ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق رايونىدىكى سانگالو مىللىتىنىڭ دۆلىتى. پايتەختى كاندى بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن 1480 - يىلى كوتتې پادىشاھلىقدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان. ⅥⅩ ئەسىردە پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىشغال قىلىۋالغان. 1592 - يىلى ھەربىي ئاقسۆڭەك كونناپۇ باندارى (؟ - 1604) پادىشاھلىق تەختنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى ۋىمالا دارما سۇريا دەپ ئاتاپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلىپ، يېڭى كاندى پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1594 - يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرەەن پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قەستىنى بىرقانچە قېتىم تارمار قىلغان. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گوللاندىيىلىكلەر بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرغان. كېيىن يەنە گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىللىكنى ساقلىغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە گوللاندىيەنىڭ سەيلوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن. كاندى 1815 - يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلنىپ، پادىشاھلىق يىمىرىلگەن.