Uyghur主要词典
كانار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۆش ئېسىپ قويىدىغان ئىلمەك. «قەن» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ئاسقىدا گۆش بولسا، بىر كۈن مېھمانغا يارار. كانار قۇرۇق چاغدا قوناق كەپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەركەزدىن ئۇزاق يەر
چەتتە ئىشلە، ئۆيدە يە. يەككە بولۇپ كېتىمىز، يەر چېتىگە يېتىمىز. دەريا ياقىسىدا يۈر، تۇرما. ئالەمنىڭ كانارى يوق، بىلىمنىڭ چېكى. بىلىم زېمىنىنىڭ قىرى يوق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ. ئاقسە چىن خوتەننىڭ چېتى، چېگرىسى دېمەكتۇر.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
گىلەمنىڭ چۆرىسىدىكى پاراللېل سىزىقلارنىڭ ئارىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زوئولوگىيە
يېزت. قىرغاق، چەت، گىرۋەك.
ئانىسىغا قاراپ قىز ئال، كانارىغا قاراپ بۆز ئال(ماقال).
پۈتۈن ئۆي، باغدىكى كۆلنىڭ كانارى، يېيىلدى قىپقىزىل زىلچە ئانارى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. گىلەمنىڭ چۆرىسىدىكى پاراللېل سىزىقلارنىڭ ئارىسى.