Uyghur主要词典
كامران
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەقستىگە ئېرىشكەن، بەختلىك:
ھاكىم، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى:
1. ئول پەرى ئوخشە بولۇر دۇنيا ئىچىندە كامران،
كىمگە كىم بەختۇ سەئادەتنى خۇد ايار ئەيلەدى.
قەلەندەر.
2. شەھى كامرانلار كەبى دەبدەبە،
تۈزۈپدۇر، دېدىكىم قىلاي تەجرىبە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ۋۇجۇتقا چىققان؛ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان؛ بەخت، تەلەي؛ راھەت، راھەت كۆرمەكچى بولغان؛ بەختىيار، قۇدرەتلىك؛ ھۆكۈمران.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
بەختلىك، سائادەتلىك؛ مەقسىدىگە ئېرىشكۈچى؛ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك.