Uyghur←Chinese主要词典
كامېدا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
龟户事件
guī hù shì jiàn
ياپونىيەنىڭ كانتودا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش مەزگىلىدە توكيو كامېدادىكى ئىنقىلابىي ئىشچىلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى. كانتودا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كيىن، ئارمىيە بىلەن ساقچىلار مالىماتاڭچىلىقتىن پايدىلىنىپ ھەدەب ئىنقىلابىي ئىشچىلار بىلەن چاۋشيەنلىق مۇھاجىرلارنى تۇتقۇن قىلغان. توكيو كامېدا ساقچى مەھكىمىسىلا 700 دىن كۆپرەك كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. 1923 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كېچىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەربابى كاۋائى يوگو (كازۇمىنا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى) قاتالىق ئون نەپەر ئىشچى بىلەن تۆت نەپەر قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئاتلىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن. 10 ـ ئاينىڭ 10 - كۈنى بۇ خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئەمگەك باش ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن ئادۋوكاتلار ئۆمىكى ئەيىبلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. بىراق ھەربىي، ھۆكۈمەت دائىرىلىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ھەقىقىي ئەھۋال يېپىۋېتىلگەن.