Uyghur←Chinese主要词典
كامبېل دېلوسى
دۇنيا تارىخى
坎贝尔案件
kǎn bèi ěr àn jiàn
ئەنگلىيە ھازىرقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن كامبېل دېلوسىنى دەۋر قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ۋەقە. كامبېل ئەنگلىيە كومپارتىيىسىنىڭ ژورنىلى - <ئىشچىلار ھەپتىلىك ژورنىلى> نىڭ ئىجرائىي مۇھەررىرى بولۇپ، 1924 - يىل 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، توپىلاڭ قىلىشقا قۇتراتتى، دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. بىراق بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بۇ دېلو بىكار قىلىنغان. بۇ ۋەقەنى دەۋر قىلغان ھالدا، مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى بىلەن ماكدونالدنىڭ لېبورىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن سىياسىي كۈرەش قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى لىبورىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سوتچىسى - ھاستىنگسنى كومپارتىيىگە يان باستى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئەينى زاماندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەنگلىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى سۆھبىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن. ئەڭ ئاخىرى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى بىلەن ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىرلىشىپ، بۇ دېلودىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كومپارتىيىگە قارشى دولقۇن قوزغاپ، لېبورىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان.