Uyghur主要词典
كالتسىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
خىمىيە
مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (calcium)Ca. ئاق رەڭدە، خىمىيۋى خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ. كالتسىينىڭ بىرىكمىلىرى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە دورىگەرلىكتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئۇ ئادەم قېنى ۋە سۆڭەكلەردە بولىدۇ. كالتسىي ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا، راخىت كېسىلى پەيدا بولىدۇ. پۇت - قول تارتىشىدۇ.
ھاك ماددىسى.