Uyghur主要词典
كالاتراۋا رىتسارلار پولكى
领域: دۇنيا تارىخىئىسپانىيىدىكى دىنىي - فېئودال ھەربىي تەشكىلات. 1158 - يىى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەرەبلەردىن تارتىۋېلىنغان كالاتراۋا قورغىنىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1164 - يىلى پاپا ئالېكساندر Ⅲ تەرىپىدىن تەستىقلانغان. ئىسپانىيەنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. كەڭ زېمىن، خىلمۇخىل ئىمتىيازلارغا، ھەتتا تەخت ۋارىسلىقى مەسىلىسىگىمۇ ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.16 - 15 - ئەسرلەردە ئۇنىڭ يۇقىرى قاتلىمى رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقلىقىنى تالىشپ، قايتا - قايتا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 1489 - يىلى پاپا ئىننوكېنتىئۇس Ⅷ نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىسپانىيە كورۇلى فېردىناند Ⅱ رىتسارلار پولكى باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1873 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。